Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

90 Al-Balad ٱلْبَلَد

< Previous   20 Āyah   The City      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

90:1 لَآ أُقْسِمُ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ
90:1 بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:2 وَأَنتَ حِلٌّۢ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ
90:2 (ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:3 وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
90:3 ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:4 لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِى كَبَدٍ
90:4 بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:5 أَيَحْسَبُ أَن لَّن يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
90:5 ئۇ (يەنى فاجىر، شەقى ئادەم) ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:6 يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُّبَدًا
90:6 ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:7 أَيَحْسَبُ أَن لَّمْ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ
90:7 ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:8 أَلَمْ نَجْعَل لَّهُۥ عَيْنَيْنِ
90:8 ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:9 وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ
90:9 ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:10 وَهَدَيْنَـٰهُ ٱلنَّجْدَيْنِ
90:10 ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:11 فَلَا ٱقْتَحَمَ ٱلْعَقَبَةَ
90:11 ئۇ داۋان ئاشمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:12 وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْعَقَبَةُ
90:12 داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:13 فَكُّ رَقَبَةٍ
90:13 (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر، - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:14 أَوْ إِطْعَـٰمٌ فِى يَوْمٍ ذِى مَسْغَبَةٍ
90:14 ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر، - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:15 يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ
90:15 ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر، - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:16 أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
90:16 ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:17 ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْمَرْحَمَةِ
90:17 شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:18 أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ
90:18 ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:19 وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ
90:19 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

90:20 عَلَيْهِمْ نَارٌ مُّؤْصَدَةٌۢ
90:20 ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)