Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

75 Al-Qiyāmah ٱلْقِيَامَة

< Previous   40 Āyah   The Resurrection      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

75:1 لَآ أُقْسِمُ بِيَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ
75:1 قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى، - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:2 وَلَآ أُقْسِمُ بِٱلنَّفْسِ ٱللَّوَّامَةِ
75:2 ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:3 أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَلَّن نَّجْمَعَ عِظَامَهُۥ
75:3 ئىنسان (يەنى كاپىر) بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:4 بَلَىٰ قَـٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّىَ بَنَانَهُۥ
75:4 ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:5 بَلْ يُرِيدُ ٱلْإِنسَـٰنُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُۥ
75:5 بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:6 يَسْـَٔلُ أَيَّانَ يَوْمُ ٱلْقِيَـٰمَةِ
75:6 ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ» دەپ سورايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:7 فَإِذَا بَرِقَ ٱلْبَصَرُ
75:7 كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:8 وَخَسَفَ ٱلْقَمَرُ
75:8 كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:9 وَجُمِعَ ٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ
75:9 كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:10 يَقُولُ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ ٱلْمَفَرُّ
75:10 كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:11 كَلَّا لَا وَزَرَ
75:11 ياق، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:12 إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمُسْتَقَرُّ
75:12 بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:13 يُنَبَّؤُا۟ ٱلْإِنسَـٰنُ يَوْمَئِذٍۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
75:13 بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:14 بَلِ ٱلْإِنسَـٰنُ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ بَصِيرَةٌ
75:14 بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:15 وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ
75:15 ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:16 لَا تُحَرِّكْ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِۦٓ
75:16 (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:17 إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُۥ وَقُرْءَانَهُۥ
75:17 ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:18 فَإِذَا قَرَأْنَـٰهُ فَٱتَّبِعْ قُرْءَانَهُۥ
75:18 ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:19 ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُۥ
75:19 ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:20 كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ ٱلْعَاجِلَةَ
75:20 (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:21 وَتَذَرُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ
75:21 ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:22 وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ
75:22 بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:23 إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ
75:23 (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:24 وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍۭ بَاسِرَةٌ
75:24 بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:25 تَظُنُّ أَن يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
75:25 ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:26 كَلَّآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلتَّرَاقِىَ
75:26 راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:27 وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ
75:27 راستلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:28 وَظَنَّ أَنَّهُ ٱلْفِرَاقُ
75:28 (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:29 وَٱلْتَفَّتِ ٱلسَّاقُ بِٱلسَّاقِ
75:29 (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:30 إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ ٱلْمَسَاقُ
75:30 بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:31 فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
75:31 (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:32 وَلَـٰكِن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
75:32 لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:33 ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ يَتَمَطَّىٰٓ
75:33 ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:34 أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
75:34 ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:35 ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰٓ
75:35 يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:36 أَيَحْسَبُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَن يُتْرَكَ سُدًى
75:36 ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:37 أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِىٍّ يُمْنَىٰ
75:37 ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:38 ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
75:38 ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن اﷲ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:39 فَجَعَلَ مِنْهُ ٱلزَّوْجَيْنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ
75:39 ئۇ مەنىيدىن ئەر - ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

75:40 أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحْـِۧىَ ٱلْمَوْتَىٰ
75:40 ئۇ (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان اﷲ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)