Selected
Original Text
Muhammad Saleh
Abdullah Yusuf Ali
Abdul Majid Daryabadi
Abul Ala Maududi
Ahmed Ali
Ahmed Raza Khan
A. J. Arberry
Ali Quli Qarai
Hasan al-Fatih Qaribullah and Ahmad Darwish
Mohammad Habib Shakir
Mohammed Marmaduke William Pickthall
Muhammad Sarwar
Muhammad Taqi-ud-Din al-Hilali and Muhammad Muhsin Khan
Safi-ur-Rahman al-Mubarakpuri
Saheeh International
Talal Itani
Transliteration
Wahiduddin Khan
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
44:1
حمٓ
44:1
حا، مىم - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:2
وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ
44:2
روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:3
إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ فِى لَيْلَةٍ مُّبَـٰرَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ
44:3
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:4
فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ
44:4
ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:5
أَمْرًا مِّنْ عِندِنَآ ۚ إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
44:5
(شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:6
رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
44:6
(شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:7
رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
44:7
ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:8
لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ
44:8
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:9
بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ يَلْعَبُونَ
44:9
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:10
فَٱرْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِى ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٍ مُّبِينٍ
44:10
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:11
يَغْشَى ٱلنَّاسَ ۖ هَـٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
44:11
(ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:12
رَّبَّنَا ٱكْشِفْ عَنَّا ٱلْعَذَابَ إِنَّا مُؤْمِنُونَ
44:12
(ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» (دەيدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:13
أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكْرَىٰ وَقَدْ جَآءَهُمْ رَسُولٌ مُّبِينٌ
44:13
(ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى) - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:14
ثُمَّ تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَقَالُوا۟ مُعَلَّمٌ مَّجْنُونٌ
44:14
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:15
إِنَّا كَاشِفُوا۟ ٱلْعَذَابِ قَلِيلًا ۚ إِنَّكُمْ عَآئِدُونَ
44:15
بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:16
يَوْمَ نَبْطِشُ ٱلْبَطْشَةَ ٱلْكُبْرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ
44:16
ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:17
۞ وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَآءَهُمْ رَسُولٌ كَرِيمٌ
44:17
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:18
أَنْ أَدُّوٓا۟ إِلَىَّ عِبَادَ ٱللَّهِ ۖ إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
44:18
(مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا اﷲ نىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:19
وَأَن لَّا تَعْلُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ ۖ إِنِّىٓ ءَاتِيكُم بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
44:19
اﷲ قا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:20
وَإِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُمْ أَن تَرْجُمُونِ
44:20
مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:21
وَإِن لَّمْ تُؤْمِنُوا۟ لِى فَٱعْتَزِلُونِ
44:21
ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى (ئۆز ھالىمغا) قويۇۋېتىڭلار» - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:22
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ قَوْمٌ مُّجْرِمُونَ
44:22
مۇسا پەرۋەردىگارىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:23
فَأَسْرِ بِعِبَادِى لَيْلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ
44:23
(اﷲ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:24
وَٱتْرُكِ ٱلْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُندٌ مُّغْرَقُونَ
44:24
دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:25
كَمْ تَرَكُوا۟ مِن جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ
44:25
ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:26
وَزُرُوعٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
44:26
ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:27
وَنَعْمَةٍ كَانُوا۟ فِيهَا فَـٰكِهِينَ
44:27
ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:28
كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَـٰهَا قَوْمًا ءَاخَرِينَ
44:28
شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:29
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلْأَرْضُ وَمَا كَانُوا۟ مُنظَرِينَ
44:29
ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:30
وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلْعَذَابِ ٱلْمُهِينِ
44:30
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:31
مِن فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيًا مِّنَ ٱلْمُسْرِفِينَ
44:31
شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:32
وَلَقَدِ ٱخْتَرْنَـٰهُمْ عَلَىٰ عِلْمٍ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
44:32
ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەينى زاماندا مۇشۇنداق شەرەپكە لايىق ئىكەنلىكىنى) بىلىپ تۇرۇپ (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:33
وَءَاتَيْنَـٰهُم مِّنَ ٱلْـَٔايَـٰتِ مَا فِيهِ بَلَـٰٓؤٌا۟ مُّبِينٌ
44:33
ئۇلارغا (يەنى تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا) روشەن سىناق بار نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:34
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ
44:34
بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:35
إِنْ هِىَ إِلَّا مَوْتَتُنَا ٱلْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُنشَرِينَ
44:35
«پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار» - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:36
فَأْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
44:36
«پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار» - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:37
أَهُمْ خَيْرٌ أَمْ قَوْمُ تُبَّعٍ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ أَهْلَكْنَـٰهُمْ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ مُجْرِمِينَ
44:37
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (نۇرغۇن) قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:38
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَـٰعِبِينَ
44:38
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:39
مَا خَلَقْنَـٰهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
44:39
ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:40
إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ مِيقَـٰتُهُمْ أَجْمَعِينَ
44:40
باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:41
يَوْمَ لَا يُغْنِى مَوْلًى عَن مَّوْلًى شَيْـًٔا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
44:41
ئۇ كۈندە دوست دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:42
إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
44:42
پەقەت اﷲ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:43
إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ
44:43
زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:44
طَعَامُ ٱلْأَثِيمِ
44:44
زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:45
كَٱلْمُهْلِ يَغْلِى فِى ٱلْبُطُونِ
44:45
ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:46
كَغَلْىِ ٱلْحَمِيمِ
44:46
ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:47
خُذُوهُ فَٱعْتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلْجَحِيمِ
44:47
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:48
ثُمَّ صُبُّوا۟ فَوْقَ رَأْسِهِۦ مِنْ عَذَابِ ٱلْحَمِيمِ
44:48
(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:49
ذُقْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْكَرِيمُ
44:49
(ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:50
إِنَّ هَـٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمْتَرُونَ
44:50
بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:51
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى مَقَامٍ أَمِينٍ
44:51
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:52
فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ
44:52
باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:53
يَلْبَسُونَ مِن سُندُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُّتَقَـٰبِلِينَ
44:53
ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:54
كَذَٰلِكَ وَزَوَّجْنَـٰهُم بِحُورٍ عِينٍ
44:54
(ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:55
يَدْعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَـٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ
44:55
ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:56
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلْمَوْتَ إِلَّا ٱلْمَوْتَةَ ٱلْأُولَىٰ ۖ وَوَقَىٰهُمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ
44:56
ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:57
فَضْلًا مِّن رَّبِّكَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
44:57
(بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:58
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَـٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
44:58
ئۇلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
44:59
فَٱرْتَقِبْ إِنَّهُم مُّرْتَقِبُونَ
44:59
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)