Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

78 An-Naba' ٱلنَّبَأ

< Previous   40 Āyah   The Tidings      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

78:1 عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ
78:1 (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:2 عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلْعَظِيمِ
78:2 ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:3 ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ
78:3 ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:4 كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
78:4 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:5 ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
78:5 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:6 أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ مِهَـٰدًا
78:6 (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:7 وَٱلْجِبَالَ أَوْتَادًا
78:7 (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:8 وَخَلَقْنَـٰكُمْ أَزْوَٰجًا
78:8 سىلەرنى ئەر - ئايال قىلىپ ياراتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:9 وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
78:9 ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:10 وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِبَاسًا
78:10 كېچىنى لىباس قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:11 وَجَعَلْنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشًا
78:11 كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:12 وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
78:12 ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:13 وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
78:13 (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (كۈننى) ياراتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:14 وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلْمُعْصِرَٰتِ مَآءً ثَجَّاجًا
78:14 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:15 لِّنُخْرِجَ بِهِۦ حَبًّا وَنَبَاتًا
78:15 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:16 وَجَنَّـٰتٍ أَلْفَافًا
78:16 ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:17 إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ كَانَ مِيقَـٰتًا
78:17 قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:18 يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
78:18 ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:19 وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ أَبْوَٰبًا
78:19 ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:20 وَسُيِّرَتِ ٱلْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
78:20 تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەررابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:21 إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
78:21 جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:22 لِّلطَّـٰغِينَ مَـَٔابًا
78:22 جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:23 لَّـٰبِثِينَ فِيهَآ أَحْقَابًا
78:23 ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:24 لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
78:24 ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:25 إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
78:25 ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:26 جَزَآءً وِفَاقًا
78:26 بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:27 إِنَّهُمْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
78:27 چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:28 وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كِذَّابًا
78:28 ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:29 وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ كِتَـٰبًا
78:29 ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:30 فَذُوقُوا۟ فَلَن نَّزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
78:30 (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز» - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:31 إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا
78:31 شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:32 حَدَآئِقَ وَأَعْنَـٰبًا
78:32 (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:33 وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا
78:33 تەڭتۇش قىزلاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:34 وَكَأْسًا دِهَاقًا
78:34 (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:35 لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّٰبًا
78:35 ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:36 جَزَآءً مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابًا
78:36 (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:37 رَّبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلرَّحْمَـٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا
78:37 ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:38 يَوْمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ صَفًّا ۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
78:38 جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار (نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:39 ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا
78:39 ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن) - Muhammad Saleh (Uyghur)

78:40 إِنَّآ أَنذَرْنَـٰكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ ٱلْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلْكَافِرُ يَـٰلَيْتَنِى كُنتُ تُرَٰبًۢا
78:40 بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)