Selected
Original Text
Muhammad Saleh
Abdullah Yusuf Ali
Abdul Majid Daryabadi
Abul Ala Maududi
Ahmed Ali
Ahmed Raza Khan
A. J. Arberry
Ali Quli Qarai
Hasan al-Fatih Qaribullah and Ahmad Darwish
Mohammad Habib Shakir
Mohammed Marmaduke William Pickthall
Muhammad Sarwar
Muhammad Taqi-ud-Din al-Hilali and Muhammad Muhsin Khan
Safi-ur-Rahman al-Mubarakpuri
Saheeh International
Talal Itani
Transliteration
Wahiduddin Khan
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
53:1
وَٱلنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ
53:1
ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:2
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
53:2
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:3
وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلْهَوَىٰٓ
53:3
(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:4
إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْىٌ يُوحَىٰ
53:4
پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:5
عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلْقُوَىٰ
53:5
ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:6
ذُو مِرَّةٍ فَٱسْتَوَىٰ
53:6
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:7
وَهُوَ بِٱلْأُفُقِ ٱلْأَعْلَىٰ
53:7
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:8
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
53:8
ئاندىن ئۇ ئاستا - ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:9
فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ
53:9
ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:10
فَأَوْحَىٰٓ إِلَىٰ عَبْدِهِۦ مَآ أَوْحَىٰ
53:10
اﷲ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:11
مَا كَذَبَ ٱلْفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ
53:11
ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:12
أَفَتُمَـٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
53:12
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:13
وَلَقَدْ رَءَاهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ
53:13
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:14
عِندَ سِدْرَةِ ٱلْمُنتَهَىٰ
53:14
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:15
عِندَهَا جَنَّةُ ٱلْمَأْوَىٰٓ
53:15
جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:16
إِذْ يَغْشَى ٱلسِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ
53:16
(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:17
مَا زَاغَ ٱلْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
53:17
(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ - سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:18
لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ ءَايَـٰتِ رَبِّهِ ٱلْكُبْرَىٰٓ
53:18
شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:19
أَفَرَءَيْتُمُ ٱللَّـٰتَ وَٱلْعُزَّىٰ
53:19
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:20
وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلْأُخْرَىٰٓ
53:20
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:21
أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلْأُنثَىٰ
53:21
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا اﷲ قا خاسمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:22
تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَىٰٓ
53:22
ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:23
إِنْ هِىَ إِلَّآ أَسْمَآءٌ سَمَّيْتُمُوهَآ أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلْطَـٰنٍ ۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهْوَى ٱلْأَنفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلْهُدَىٰٓ
53:23
بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، اﷲ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك - شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:24
أَمْ لِلْإِنسَـٰنِ مَا تَمَنَّىٰ
53:24
ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:25
فَلِلَّهِ ٱلْـَٔاخِرَةُ وَٱلْأُولَىٰ
53:25
ئاخىرەت ۋە دۇنيا اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:26
۞ وَكَم مِّن مَّلَكٍ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ لَا تُغْنِى شَفَـٰعَتُهُمْ شَيْـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعْدِ أَن يَأْذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرْضَىٰٓ
53:26
ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت اﷲ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:27
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ تَسْمِيَةَ ٱلْأُنثَىٰ
53:27
شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (اﷲ نىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:28
وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ ۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغْنِى مِنَ ٱلْحَقِّ شَيْـًٔا
53:28
ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:29
فَأَعْرِضْ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا
53:29
بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:30
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ ٱهْتَدَىٰ
53:30
ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:31
وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ لِيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ أَسَـٰٓـُٔوا۟ بِمَا عَمِلُوا۟ وَيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ أَحْسَنُوا۟ بِٱلْحُسْنَى
53:31
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:32
ٱلَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَـٰٓئِرَ ٱلْإِثْمِ وَٱلْفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ وَإِذْ أَنتُمْ أَجِنَّةٌ فِى بُطُونِ أُمَّهَـٰتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوٓا۟ أَنفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ
53:32
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، اﷲ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:33
أَفَرَءَيْتَ ٱلَّذِى تَوَلَّىٰ
53:33
(ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:34
وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰٓ
53:34
ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:35
أَعِندَهُۥ عِلْمُ ٱلْغَيْبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ
53:35
ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:36
أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِى صُحُفِ مُوسَىٰ
53:36
ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:37
وَإِبْرَٰهِيمَ ٱلَّذِى وَفَّىٰٓ
53:37
ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:38
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
53:38
ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:39
وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَـٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
53:39
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:40
وَأَنَّ سَعْيَهُۥ سَوْفَ يُرَىٰ
53:40
ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:41
ثُمَّ يُجْزَىٰهُ ٱلْجَزَآءَ ٱلْأَوْفَىٰ
53:41
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:42
وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلْمُنتَهَىٰ
53:42
ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:43
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
53:43
اﷲ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:44
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
53:44
اﷲ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:45
وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوْجَيْنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰ
53:45
اﷲ بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:46
مِن نُّطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ
53:46
ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى) - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:47
وَأَنَّ عَلَيْهِ ٱلنَّشْأَةَ ٱلْأُخْرَىٰ
53:47
(ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:48
وَأَنَّهُۥ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
53:48
اﷲ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە مەمنۇن قىلالايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:49
وَأَنَّهُۥ هُوَ رَبُّ ٱلشِّعْرَىٰ
53:49
اﷲ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:50
وَأَنَّهُۥٓ أَهْلَكَ عَادًا ٱلْأُولَىٰ
53:50
ئۇ (يەنى اﷲ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:51
وَثَمُودَا۟ فَمَآ أَبْقَىٰ
53:51
سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:52
وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
53:52
ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:53
وَٱلْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
53:53
لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:54
فَغَشَّىٰهَا مَا غَشَّىٰ
53:54
لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:55
فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
53:55
(ئى ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:56
هَـٰذَا نَذِيرٌ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلْأُولَىٰٓ
53:56
بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:57
أَزِفَتِ ٱلْـَٔازِفَةُ
53:57
قىيامەت يېقىنلاشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:58
لَيْسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ
53:58
ئۇنىڭغا اﷲ تىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:59
أَفَمِنْ هَـٰذَا ٱلْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
53:59
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:60
وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
53:60
(ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۆلەمسىلەر؟ يىغلامسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:61
وَأَنتُمْ سَـٰمِدُونَ
53:61
سىلەر غاپىلدۇرسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)
53:62
فَٱسْجُدُوا۟ لِلَّهِ وَٱعْبُدُوا۟ ۩
53:62
اﷲ قا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)