Selected
                        Original Text
                        
                    
                
                    
                        Muhammad Saleh
                        
                        
                        
                    
                
                Abdullah Yusuf Ali
Abdul Majid Daryabadi
Abul Ala Maududi
Ahmed Ali
Ahmed Raza Khan
A. J. Arberry
Ali Quli Qarai
Hasan al-Fatih Qaribullah and Ahmad Darwish
Mohammad Habib Shakir
Mohammed Marmaduke William Pickthall
Muhammad Sarwar
Muhammad Taqi-ud-Din al-Hilali and Muhammad Muhsin Khan
Safi-ur-Rahman al-Mubarakpuri
Saheeh International
Talal Itani
Transliteration
Wahiduddin Khan
                    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
                
                
                    In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
                
            
                    87:1
                    سَبِّحِ ٱسْمَ رَبِّكَ ٱلْأَعْلَى
                
                
                
                
                
                    87:1
                    ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:2
                    ٱلَّذِى خَلَقَ فَسَوَّىٰ
                
                
                
                
                
                    87:2
                    ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:3
                    وَٱلَّذِى قَدَّرَ فَهَدَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:3
                    مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:4
                    وَٱلَّذِىٓ أَخْرَجَ ٱلْمَرْعَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:4
                    ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:5
                    فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحْوَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:5
                    ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:6
                    سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ
                
                
                
                
                
                    87:6
                    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:7
                    إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:7
                    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:8
                    وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:8
                    سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:9
                    فَذَكِّرْ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكْرَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:9
                    ۋەز - نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:10
                    سَيَذَّكَّرُ مَن يَخْشَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:10
                    اﷲ تىن (قورققان) ئادەم ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:11
                    وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلْأَشْقَى
                
                
                
                
                
                    87:11
                    ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز - نەسىھەتتىن قاچىدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:12
                    ٱلَّذِى يَصْلَى ٱلنَّارَ ٱلْكُبْرَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:12
                    ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:13
                    ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:13
                    ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:14
                    قَدْ أَفْلَحَ مَن تَزَكَّىٰ
                
                
                
                
                
                    87:14
                    (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:15
                    وَذَكَرَ ٱسْمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ
                
                
                
                
                
                    87:15
                    ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:16
                    بَلْ تُؤْثِرُونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا
                
                
                
                
                
                    87:16
                    سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:17
                    وَٱلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰٓ
                
                
                
                
                
                    87:17
                    ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:18
                    إِنَّ هَـٰذَا لَفِى ٱلصُّحُفِ ٱلْأُولَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:18
                    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر  - Muhammad Saleh (Uyghur)
                
                
                
                
                
                    87:19
                    صُحُفِ إِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ
                
                
                
                
                
                    87:19
                    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر  - Muhammad Saleh (Uyghur)