Selected
Original Text
Muhammad Saleh
Abdullah Yusuf Ali
Abdul Majid Daryabadi
Abul Ala Maududi
Ahmed Ali
Ahmed Raza Khan
A. J. Arberry
Ali Quli Qarai
Hasan al-Fatih Qaribullah and Ahmad Darwish
Mohammad Habib Shakir
Mohammed Marmaduke William Pickthall
Muhammad Sarwar
Muhammad Taqi-ud-Din al-Hilali and Muhammad Muhsin Khan
Safi-ur-Rahman al-Mubarakpuri
Saheeh International
Talal Itani
Transliteration
Wahiduddin Khan
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
38:1
صٓ ۚ وَٱلْقُرْءَانِ ذِى ٱلذِّكْرِ
38:1
صاد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر) - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:2
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ
38:2
بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:3
كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍ فَنَادَوا۟ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
38:3
ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:4
وَعَجِبُوٓا۟ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٌ مِّنْهُمْ ۖ وَقَالَ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ
38:4
ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:5
أَجَعَلَ ٱلْـَٔالِهَةَ إِلَـٰهًا وَٰحِدًا ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ عُجَابٌ
38:5
ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:6
وَٱنطَلَقَ ٱلْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ ٱمْشُوا۟ وَٱصْبِرُوا۟ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ يُرَادُ
38:6
ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:7
مَا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِى ٱلْمِلَّةِ ٱلْـَٔاخِرَةِ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا ٱخْتِلَـٰقٌ
38:7
بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:8
أَءُنزِلَ عَلَيْهِ ٱلذِّكْرُ مِنۢ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ مِّن ذِكْرِى ۖ بَل لَّمَّا يَذُوقُوا۟ عَذَابِ
38:8
قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:9
أَمْ عِندَهُمْ خَزَآئِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ ٱلْعَزِيزِ ٱلْوَهَّابِ
38:9
ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:10
أَمْ لَهُم مُّلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا۟ فِى ٱلْأَسْبَـٰبِ
38:10
ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:11
جُندٌ مَّا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِّنَ ٱلْأَحْزَابِ
38:11
ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:12
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو ٱلْأَوْتَادِ
38:12
ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:13
وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَـٰبُ لْـَٔيْكَةِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلْأَحْزَابُ
38:13
سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:14
إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
38:14
ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:15
وَمَا يَنظُرُ هَـٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً مَّا لَهَا مِن فَوَاقٍ
38:15
بۇلار (يەنى مەككە مۇشرىكلىرى) پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:16
وَقَالُوا۟ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ ٱلْحِسَابِ
38:16
ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق – قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:17
ٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلْأَيْدِ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
38:17
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:18
إِنَّا سَخَّرْنَا ٱلْجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحْنَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِشْرَاقِ
38:18
بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى - ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:19
وَٱلطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَّهُۥٓ أَوَّابٌ
38:19
قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ - تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:20
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُۥ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْحِكْمَةَ وَفَصْلَ ٱلْخِطَابِ
38:20
داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز - ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:21
۞ وَهَلْ أَتَىٰكَ نَبَؤُا۟ ٱلْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا۟ ٱلْمِحْرَابَ
38:21
(ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:22
إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا۟ لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَٱحْكُم بَيْنَنَا بِٱلْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَٱهْدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ
38:22
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز - بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:23
إِنَّ هَـٰذَآ أَخِى لَهُۥ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِىَ نَعْجَةٌ وَٰحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِى فِى ٱلْخِطَابِ
38:23
(ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:24
قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ ٱلْخُلَطَآءِ لَيَبْغِى بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَقَلِيلٌ مَّا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّـٰهُ فَٱسْتَغْفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
38:24
داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر - بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر - بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (اﷲ قا) تەۋبە قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:25
فَغَفَرْنَا لَهُۥ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍ
38:25
بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:26
يَـٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلْنَـٰكَ خَلِيفَةً فِى ٱلْأَرْضِ فَٱحْكُم بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِٱلْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌۢ بِمَا نَسُوا۟ يَوْمَ ٱلْحِسَابِ
38:26
ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، اﷲ نىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:27
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَـٰطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنَ ٱلنَّارِ
38:27
ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي! - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:28
أَمْ نَجْعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ كَٱلْمُفْسِدِينَ فِى ٱلْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ ٱلْمُتَّقِينَ كَٱلْفُجَّارِ
38:28
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:29
كِتَـٰبٌ أَنزَلْنَـٰهُ إِلَيْكَ مُبَـٰرَكٌ لِّيَدَّبَّرُوٓا۟ ءَايَـٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
38:29
(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:30
وَوَهَبْنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيْمَـٰنَ ۚ نِعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
38:30
بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (اﷲ قا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:31
إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِٱلْعَشِىِّ ٱلصَّـٰفِنَـٰتُ ٱلْجِيَادُ
38:31
ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:32
فَقَالَ إِنِّىٓ أَحْبَبْتُ حُبَّ ٱلْخَيْرِ عَن ذِكْرِ رَبِّى حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِٱلْحِجَابِ
38:32
سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغۇچە (ئۇلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈش بىلەن بولدۇم)» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:33
رُدُّوهَا عَلَىَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلْأَعْنَاقِ
38:33
سۇلەيمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:34
وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَـٰنَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِۦ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ
38:34
بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:35
قَالَ رَبِّ ٱغْفِرْ لِى وَهَبْ لِى مُلْكًا لَّا يَنۢبَغِى لِأَحَدٍ مِّنۢ بَعْدِىٓ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْوَهَّابُ
38:35
سۇلەيمان ئېيىتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:36
فَسَخَّرْنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجْرِى بِأَمْرِهِۦ رُخَآءً حَيْثُ أَصَابَ
38:36
بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:37
وَٱلشَّيَـٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٍ وَغَوَّاصٍ
38:37
ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە - مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:38
وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِى ٱلْأَصْفَادِ
38:38
يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:39
هَـٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
38:39
(بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن، ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:40
وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍ
38:40
ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:41
وَٱذْكُرْ عَبْدَنَآ أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَسَّنِىَ ٱلشَّيْطَـٰنُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
38:41
بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:42
ٱرْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَـٰذَا مُغْتَسَلٌۢ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
38:42
ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:43
وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ أَهْلَهُۥ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ
38:43
بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى - ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:44
وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَٱضْرِب بِّهِۦ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَـٰهُ صَابِرًا ۚ نِّعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
38:44
(ئۇنىڭغا) «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (اﷲ قا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:45
وَٱذْكُرْ عِبَـٰدَنَآ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ أُو۟لِى ٱلْأَيْدِى وَٱلْأَبْصَـٰرِ
38:45
ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:46
إِنَّآ أَخْلَصْنَـٰهُم بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى ٱلدَّارِ
38:46
ئۇلارنى بىز پاك - خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:47
وَإِنَّهُمْ عِندَنَا لَمِنَ ٱلْمُصْطَفَيْنَ ٱلْأَخْيَارِ
38:47
ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:48
وَٱذْكُرْ إِسْمَـٰعِيلَ وَٱلْيَسَعَ وَذَا ٱلْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِّنَ ٱلْأَخْيَارِ
38:48
ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:49
هَـٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَـَٔابٍ
38:49
بۇ ۋەز - نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:50
جَنَّـٰتِ عَدْنٍ مُّفَتَّحَةً لَّهُمُ ٱلْأَبْوَٰبُ
38:50
(ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:51
مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَـٰكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ
38:51
ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:52
۞ وَعِندَهُمْ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ أَتْرَابٌ
38:52
ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:53
هَـٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ
38:53
بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:54
إِنَّ هَـٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ
38:54
بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:55
هَـٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّـٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٍ
38:55
بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:56
جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ
38:56
ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:57
هَـٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ
38:57
بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان - يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:58
وَءَاخَرُ مِن شَكْلِهِۦٓ أَزْوَٰجٌ
38:58
يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:59
هَـٰذَا فَوْجٌ مُّقْتَحِمٌ مَّعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًۢا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُوا۟ ٱلنَّارِ
38:59
(ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:60
قَالُوا۟ بَلْ أَنتُمْ لَا مَرْحَبًۢا بِكُمْ ۖ أَنتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ ٱلْقَرَارُ
38:60
ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:61
قَالُوا۟ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَـٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِى ٱلنَّارِ
38:61
ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:62
وَقَالُوا۟ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلْأَشْرَارِ
38:62
ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:63
أَتَّخَذْنَـٰهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ ٱلْأَبْصَـٰرُ
38:63
ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:64
إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ ٱلنَّارِ
38:64
ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:65
قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّارُ
38:65
(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:66
رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفَّـٰرُ
38:66
(ئۇ اﷲ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:67
قُلْ هُوَ نَبَؤٌا۟ عَظِيمٌ
38:67
(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى اﷲ نىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:68
أَنتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ
38:68
سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:69
مَا كَانَ لِىَ مِنْ عِلْمٍۭ بِٱلْمَلَإِ ٱلْأَعْلَىٰٓ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
38:69
پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:70
إِن يُوحَىٰٓ إِلَىَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
38:70
ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:71
إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى خَـٰلِقٌۢ بَشَرًا مِّن طِينٍ
38:71
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:72
فَإِذَا سَوَّيْتُهُۥ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِى فَقَعُوا۟ لَهُۥ سَـٰجِدِينَ
38:72
ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:73
فَسَجَدَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
38:73
پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:74
إِلَّآ إِبْلِيسَ ٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
38:74
پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:75
قَالَ يَـٰٓإِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَىَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ ٱلْعَالِينَ
38:75
اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:76
قَالَ أَنَا۠ خَيْرٌ مِّنْهُ ۖ خَلَقْتَنِى مِن نَّارٍ وَخَلَقْتَهُۥ مِن طِينٍ
38:76
ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:77
قَالَ فَٱخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
38:77
اﷲ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:78
وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلدِّينِ
38:78
اﷲ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:79
قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
38:79
ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گىچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:80
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلْمُنظَرِينَ
38:80
اﷲ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:81
إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْوَقْتِ ٱلْمَعْلُومِ
38:81
اﷲ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:82
قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
38:82
ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:83
إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ ٱلْمُخْلَصِينَ
38:83
ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:84
قَالَ فَٱلْحَقُّ وَٱلْحَقَّ أَقُولُ
38:84
اﷲ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:85
لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ
38:85
سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:86
قُلْ مَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُتَكَلِّفِينَ
38:86
ئېيتقىنكى، «(اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:87
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ
38:87
قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
38:88
وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُۥ بَعْدَ حِينٍۭ
38:88
بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر» - Muhammad Saleh (Uyghur)