Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

36 Yā-Sīn يس

< Previous   83 Āyah   Ya Sin      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

36:1 يسٓ
36:1 ياسىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:2 وَٱلْقُرْءَانِ ٱلْحَكِيمِ
36:2 ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:3 إِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
36:3 ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:4 عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
36:4 توغرا يولدىسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:5 تَنزِيلَ ٱلْعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ
36:5 قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:6 لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّآ أُنذِرَ ءَابَآؤُهُمْ فَهُمْ غَـٰفِلُونَ
36:6 قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:7 لَقَدْ حَقَّ ٱلْقَوْلُ عَلَىٰٓ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
36:7 ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:8 إِنَّا جَعَلْنَا فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ أَغْلَـٰلًا فَهِىَ إِلَى ٱلْأَذْقَانِ فَهُم مُّقْمَحُونَ
36:8 بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:9 وَجَعَلْنَا مِنۢ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَـٰهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
36:9 ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:10 وَسَوَآءٌ عَلَيْهِمْ ءَأَنذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
36:10 ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:11 إِنَّمَا تُنذِرُ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلذِّكْرَ وَخَشِىَ ٱلرَّحْمَـٰنَ بِٱلْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
36:11 سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (اﷲ نىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:12 إِنَّا نَحْنُ نُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا۟ وَءَاثَـٰرَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ فِىٓ إِمَامٍ مُّبِينٍ
36:12 بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:13 وَٱضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا أَصْحَـٰبَ ٱلْقَرْيَةِ إِذْ جَآءَهَا ٱلْمُرْسَلُونَ
36:13 ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:14 إِذْ أَرْسَلْنَآ إِلَيْهِمُ ٱثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوٓا۟ إِنَّآ إِلَيْكُم مُّرْسَلُونَ
36:14 ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:15 قَالُوا۟ مَآ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَمَآ أَنزَلَ ٱلرَّحْمَـٰنُ مِن شَىْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
36:15 ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان اﷲ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:16 قَالُوا۟ رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّآ إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
36:16 ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك - شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:17 وَمَا عَلَيْنَآ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ
36:17 بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:18 قَالُوٓا۟ إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِن لَّمْ تَنتَهُوا۟ لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
36:18 ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:19 قَالُوا۟ طَـٰٓئِرُكُم مَّعَكُمْ ۚ أَئِن ذُكِّرْتُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ
36:19 ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:20 وَجَآءَ مِنْ أَقْصَا ٱلْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُوا۟ ٱلْمُرْسَلِينَ
36:20 شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:21 ٱتَّبِعُوا۟ مَن لَّا يَسْـَٔلُكُمْ أَجْرًا وَهُم مُّهْتَدُونَ
36:21 توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:22 وَمَا لِىَ لَآ أَعْبُدُ ٱلَّذِى فَطَرَنِى وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
36:22 مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان اﷲ قا ئىبادەت قىلماي؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:23 ءَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً إِن يُرِدْنِ ٱلرَّحْمَـٰنُ بِضُرٍّ لَّا تُغْنِ عَنِّى شَفَـٰعَتُهُمْ شَيْـًٔا وَلَا يُنقِذُونِ
36:23 مەن اﷲ تىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان اﷲ ماڭا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:24 إِنِّىٓ إِذًا لَّفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
36:24 ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللادىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:25 إِنِّىٓ ءَامَنتُ بِرَبِّكُمْ فَٱسْمَعُونِ
36:25 مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)» - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:26 قِيلَ ٱدْخُلِ ٱلْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَـٰلَيْتَ قَوْمِى يَعْلَمُونَ
36:26 (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:27 بِمَا غَفَرَ لِى رَبِّى وَجَعَلَنِى مِنَ ٱلْمُكْرَمِينَ
36:27 (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:28 ۞ وَمَآ أَنزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِۦ مِنۢ بَعْدِهِۦ مِن جُندٍ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا كُنَّا مُنزِلِينَ
36:28 ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:29 إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَـٰمِدُونَ
36:29 پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:30 يَـٰحَسْرَةً عَلَى ٱلْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
36:30 (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:31 أَلَمْ يَرَوْا۟ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّنَ ٱلْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
36:31 ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:32 وَإِن كُلٌّ لَّمَّا جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
36:32 ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:33 وَءَايَةٌ لَّهُمُ ٱلْأَرْضُ ٱلْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَـٰهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ
36:33 ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتى كامىلەسىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:34 وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّـٰتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَـٰبٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ ٱلْعُيُونِ
36:34 بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:35 لِيَأْكُلُوا۟ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
36:35 ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:36 سُبْحَـٰنَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْأَزْوَٰجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلْأَرْضُ وَمِنْ أَنفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
36:36 اﷲ (پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:37 وَءَايَةٌ لَّهُمُ ٱلَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ ٱلنَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظْلِمُونَ
36:37 ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز - دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز - دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:38 وَٱلشَّمْسُ تَجْرِى لِمُسْتَقَرٍّ لَّهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ
36:38 كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:39 وَٱلْقَمَرَ قَدَّرْنَـٰهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَٱلْعُرْجُونِ ٱلْقَدِيمِ
36:39 ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:40 لَا ٱلشَّمْسُ يَنۢبَغِى لَهَآ أَن تُدْرِكَ ٱلْقَمَرَ وَلَا ٱلَّيْلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِى فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
36:40 كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:41 وَءَايَةٌ لَّهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ
36:41 ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەرسە - كېرەك ۋە ھايۋاناتلار بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:42 وَخَلَقْنَا لَهُم مِّن مِّثْلِهِۦ مَا يَرْكَبُونَ
36:42 بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:43 وَإِن نَّشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنقَذُونَ
36:43 ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:44 إِلَّا رَحْمَةً مِّنَّا وَمَتَـٰعًا إِلَىٰ حِينٍ
36:44 پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:45 وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّقُوا۟ مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
36:45 ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:46 وَمَا تَأْتِيهِم مِّنْ ءَايَةٍ مِّنْ ءَايَـٰتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهَا مُعْرِضِينَ
36:46 پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:47 وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَنُطْعِمُ مَن لَّوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ أَطْعَمَهُۥٓ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
36:47 ئەگەر ئۇلارغا: «اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر اﷲ خالىسا تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:48 وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
36:48 ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:49 مَا يَنظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
36:49 ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا - سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:50 فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَآ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
36:50 ئۇلار بىر - بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:51 وَنُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنسِلُونَ
36:51 سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:52 قَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرْقَدِنَا ۜ ۗ هَـٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَصَدَقَ ٱلْمُرْسَلُونَ
36:52 ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالى بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان اﷲ نىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:53 إِن كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَّدَيْنَا مُحْضَرُونَ
36:53 پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:54 فَٱلْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْـًٔا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
36:54 ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:55 إِنَّ أَصْحَـٰبَ ٱلْجَنَّةِ ٱلْيَوْمَ فِى شُغُلٍ فَـٰكِهُونَ
36:55 شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:56 هُمْ وَأَزْوَٰجُهُمْ فِى ظِلَـٰلٍ عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ مُتَّكِـُٔونَ
36:56 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:57 لَهُمْ فِيهَا فَـٰكِهَةٌ وَلَهُم مَّا يَدَّعُونَ
36:57 ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:58 سَلَـٰمٌ قَوْلًا مِّن رَّبٍّ رَّحِيمٍ
36:58 مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:59 وَٱمْتَـٰزُوا۟ ٱلْيَوْمَ أَيُّهَا ٱلْمُجْرِمُونَ
36:59 (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:60 ۞ أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَـٰبَنِىٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا۟ ٱلشَّيْطَـٰنَ ۖ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
36:60 سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:61 وَأَنِ ٱعْبُدُونِى ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ
36:61 سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:62 وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا۟ تَعْقِلُونَ
36:62 شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:63 هَـٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
36:63 سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:64 ٱصْلَوْهَا ٱلْيَوْمَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
36:64 سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:65 ٱلْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰٓ أَفْوَٰهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَآ أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
36:65 شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:66 وَلَوْ نَشَآءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰٓ أَعْيُنِهِمْ فَٱسْتَبَقُوا۟ ٱلصِّرَٰطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
36:66 ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:67 وَلَوْ نَشَآءُ لَمَسَخْنَـٰهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا ٱسْتَطَـٰعُوا۟ مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
36:67 ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتىنى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:68 وَمَن نُّعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِى ٱلْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
36:68 بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:69 وَمَا عَلَّمْنَـٰهُ ٱلشِّعْرَ وَمَا يَنۢبَغِى لَهُۥٓ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْءَانٌ مُّبِينٌ
36:69 ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز - نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:70 لِّيُنذِرَ مَن كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ ٱلْقَوْلُ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ
36:70 ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز - نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:71 أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا خَلَقْنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَآ أَنْعَـٰمًا فَهُمْ لَهَا مَـٰلِكُونَ
36:71 ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:72 وَذَلَّلْنَـٰهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
36:72 ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:73 وَلَهُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
36:73 ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:74 وَٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةً لَّعَلَّهُمْ يُنصَرُونَ
36:74 ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، اﷲ نى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:75 لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُندٌ مُّحْضَرُونَ
36:75 ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:76 فَلَا يَحْزُنكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
36:76 (ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:77 أَوَلَمْ يَرَ ٱلْإِنسَـٰنُ أَنَّا خَلَقْنَـٰهُ مِن نُّطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُّبِينٌ
36:77 ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:78 وَضَرَبَ لَنَا مَثَلًا وَنَسِىَ خَلْقَهُۥ ۖ قَالَ مَن يُحْىِ ٱلْعِظَـٰمَ وَهِىَ رَمِيمٌ
36:78 ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:79 قُلْ يُحْيِيهَا ٱلَّذِىٓ أَنشَأَهَآ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
36:79 ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:80 ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلشَّجَرِ ٱلْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَآ أَنتُم مِّنْهُ تُوقِدُونَ
36:80 اﷲ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:81 أَوَلَيْسَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُم ۚ بَلَىٰ وَهُوَ ٱلْخَلَّـٰقُ ٱلْعَلِيمُ
36:81 ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، اﷲ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:82 إِنَّمَآ أَمْرُهُۥٓ إِذَآ أَرَادَ شَيْـًٔا أَن يَقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
36:82 اﷲ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

36:83 فَسُبْحَـٰنَ ٱلَّذِى بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَىْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
36:83 اﷲ پاكتۇركى، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)