Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

21 Al-'Anbyā' ٱلْأَنْبِيَاء

< Previous   112 Āyah   The Prophets      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

21:1 ٱقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِى غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ
21:1 كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:2 مَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّن رَّبِّهِم مُّحْدَثٍ إِلَّا ٱسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ
21:2 ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز - نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:3 لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ ۗ وَأَسَرُّوا۟ ٱلنَّجْوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ هَلْ هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ ۖ أَفَتَأْتُونَ ٱلسِّحْرَ وَأَنتُمْ تُبْصِرُونَ
21:3 ئۇلارنىڭ دىللىرى (اﷲ نىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش (ئاددىي) بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:4 قَالَ رَبِّى يَعْلَمُ ٱلْقَوْلَ فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
21:4 (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇر، اﷲ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:5 بَلْ قَالُوٓا۟ أَضْغَـٰثُ أَحْلَـٰمٍۭ بَلِ ٱفْتَرَىٰهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِـَٔايَةٍ كَمَآ أُرْسِلَ ٱلْأَوَّلُونَ
21:5 (كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:6 مَآ ءَامَنَتْ قَبْلَهُم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَآ ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
21:6 ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:7 وَمَآ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِىٓ إِلَيْهِمْ ۖ فَسْـَٔلُوٓا۟ أَهْلَ ٱلذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
21:7 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى - (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئىنسانلارنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن (يەنى تەۋرات، ئىنجىللارنى بىلىدىغانلاردىن) سوراڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:8 وَمَا جَعَلْنَـٰهُمْ جَسَدًا لَّا يَأْكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُوا۟ خَـٰلِدِينَ
21:8 پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:9 ثُمَّ صَدَقْنَـٰهُمُ ٱلْوَعْدَ فَأَنجَيْنَـٰهُمْ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهْلَكْنَا ٱلْمُسْرِفِينَ
21:9 ئاندىن ئۇلارغا (ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت ۋەدىمىزنى راست قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغانلارنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:10 لَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكُمْ كِتَـٰبًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
21:10 سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:11 وَكَمْ قَصَمْنَا مِن قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا ءَاخَرِينَ
21:11 بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:12 فَلَمَّآ أَحَسُّوا۟ بَأْسَنَآ إِذَا هُم مِّنْهَا يَرْكُضُونَ
21:12 ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:13 لَا تَرْكُضُوا۟ وَٱرْجِعُوٓا۟ إِلَىٰ مَآ أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَـٰكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْـَٔلُونَ
21:13 (پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:14 قَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
21:14 ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:15 فَمَا زَالَت تِّلْكَ دَعْوَىٰهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَـٰهُمْ حَصِيدًا خَـٰمِدِينَ
21:15 ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:16 وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَـٰعِبِينَ
21:16 بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:17 لَوْ أَرَدْنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهْوًا لَّٱتَّخَذْنَـٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَـٰعِلِينَ
21:17 ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:18 بَلْ نَقْذِفُ بِٱلْحَقِّ عَلَى ٱلْبَـٰطِلِ فَيَدْمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ ۚ وَلَكُمُ ٱلْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ
21:18 بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، (ئى كۇففارلار جامائەسى! اﷲ نى بالىسى بار، خوتۇنى بار دەپ) سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي! - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:19 وَلَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَمَنْ عِندَهُۥ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ
21:19 ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:20 يُسَبِّحُونَ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
21:20 ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:21 أَمِ ٱتَّخَذُوٓا۟ ءَالِهَةً مِّنَ ٱلْأَرْضِ هُمْ يُنشِرُونَ
21:21 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:22 لَوْ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
21:22 ئەگەر ئاسمان - زېمىندا اﷲ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:23 لَا يُسْـَٔلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْـَٔلُونَ
21:23 اﷲ نىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:24 أَمِ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً ۖ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ ۖ هَـٰذَا ذِكْرُ مَن مَّعِىَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِى ۗ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ ٱلْحَقَّ ۖ فَهُم مُّعْرِضُونَ
21:24 ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:25 وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِىٓ إِلَيْهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعْبُدُونِ
21:25 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:26 وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَلَدًا ۗ سُبْحَـٰنَهُۥ ۚ بَلْ عِبَادٌ مُّكْرَمُونَ
21:26 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «اﷲ نىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. اﷲ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر اﷲ نىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:27 لَا يَسْبِقُونَهُۥ بِٱلْقَوْلِ وَهُم بِأَمْرِهِۦ يَعْمَلُونَ
21:27 ئۇلار اﷲ قا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنىلمايدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:28 يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرْتَضَىٰ وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِۦ مُشْفِقُونَ
21:28 اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اﷲ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:29 ۞ وَمَن يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّىٓ إِلَـٰهٌ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلظَّـٰلِمِينَ
21:29 ئۇلاردىن كىمكى، مەن اﷲ تىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:30 أَوَلَمْ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَـٰهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ ٱلْمَآءِ كُلَّ شَىْءٍ حَىٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
21:30 كاپىرلار بىلەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر - بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشىنەمدۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:31 وَجَعَلْنَا فِى ٱلْأَرْضِ رَوَٰسِىَ أَن تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَّعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
21:31 يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:32 وَجَعَلْنَا ٱلسَّمَآءَ سَقْفًا مَّحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ ءَايَـٰتِهَا مُعْرِضُونَ
21:32 ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:33 وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِى فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
21:33 اﷲ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:34 وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِّن قَبْلِكَ ٱلْخُلْدَ ۖ أَفَإِي۟ن مِّتَّ فَهُمُ ٱلْخَـٰلِدُونَ
21:34 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:35 كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ ٱلْمَوْتِ ۗ وَنَبْلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلْخَيْرِ فِتْنَةً ۖ وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
21:35 ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:36 وَإِذَا رَءَاكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَـٰذَا ٱلَّذِى يَذْكُرُ ءَالِهَتَكُمْ وَهُم بِذِكْرِ ٱلرَّحْمَـٰنِ هُمْ كَـٰفِرُونَ
21:36 كاپىرلار سىنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟» (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:37 خُلِقَ ٱلْإِنسَـٰنُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُو۟رِيكُمْ ءَايَـٰتِى فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
21:37 ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:38 وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
21:38 ئۇلار: «(سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە قىلىنغان ئازابنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى) قاچان؟» دېيىشىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:39 لَوْ يَعْلَمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ ٱلنَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
21:39 ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى (ئازابنى بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:40 بَلْ تَأْتِيهِم بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
21:40 لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ - دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:41 وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُوا۟ مِنْهُم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
21:41 سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:42 قُلْ مَن يَكْلَؤُكُم بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ مِنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِم مُّعْرِضُونَ
21:42 (ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:43 أَمْ لَهُمْ ءَالِهَةٌ تَمْنَعُهُم مِّن دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنفُسِهِمْ وَلَا هُم مِّنَّا يُصْحَبُونَ
21:43 ئۇلاردىن بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى (قوغدايدىغان) مەبۇدلىرى بارمۇ ئۇلارنىڭ (چوقۇنۇۋاتقان) مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:44 بَلْ مَتَّعْنَا هَـٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ ٱلْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِى ٱلْأَرْضَ نَنقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَآ ۚ أَفَهُمُ ٱلْغَـٰلِبُونَ
21:44 بۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال - مۈلكىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا (شۇ نېمەت ئىچىدە) ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى (مۇسۇلمانلارغا ئىگەللىتىش بىلەن) قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلەمدۇ؟ (ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن) ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟ (مەغلۇپ ھېسابلىنامدۇ؟) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:45 قُلْ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلْوَحْىِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
21:45 (ئى مۇھەممەد!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:46 وَلَئِن مَّسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِّنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَـٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
21:46 ئەگەر ئۇلار پەرۋەردىگارىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت! (اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ) ھەقىقەتەن (ئۆزىمىزگە) زۇلۇم قىلىپتۇق» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:47 وَنَضَعُ ٱلْمَوَٰزِينَ ٱلْقِسْطَ لِيَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْـًٔا ۖ وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَـٰسِبِينَ
21:47 قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:48 وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ ٱلْفُرْقَانَ وَضِيَآءً وَذِكْرًا لِّلْمُتَّقِينَ
21:48 بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز - نەسىھەتنى بەردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:49 ٱلَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِٱلْغَيْبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشْفِقُونَ
21:49 تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ (دەھشىتىدىن) تىترىگۈچىلەردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:50 وَهَـٰذَا ذِكْرٌ مُّبَارَكٌ أَنزَلْنَـٰهُ ۚ أَفَأَنتُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ
21:50 بۇ بىز (سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا) نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. (ئى ئەرەب جامائەسى! ئۇ شۇنچە روشەن تۇرسىمۇ) سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:51 ۞ وَلَقَدْ ءَاتَيْنَآ إِبْرَٰهِيمَ رُشْدَهُۥ مِن قَبْلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَـٰلِمِينَ
21:51 (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:52 إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَا هَـٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِىٓ أَنتُمْ لَهَا عَـٰكِفُونَ
21:52 ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:53 قَالُوا۟ وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَـٰبِدِينَ
21:53 ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:54 قَالَ لَقَدْ كُنتُمْ أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُمْ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
21:54 ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ (پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:55 قَالُوٓا۟ أَجِئْتَنَا بِٱلْحَقِّ أَمْ أَنتَ مِنَ ٱللَّـٰعِبِينَ
21:55 ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق دەۋاتامسەن؟» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:56 قَالَ بَل رَّبُّكُمْ رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ٱلَّذِى فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ
21:56 ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:57 وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَـٰمَكُم بَعْدَ أَن تُوَلُّوا۟ مُدْبِرِينَ
21:57 اﷲ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:58 فَجَعَلَهُمْ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرًا لَّهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ
21:58 ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:59 قَالُوا۟ مَن فَعَلَ هَـٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
21:59 (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:60 قَالُوا۟ سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبْرَٰهِيمُ
21:60 (ئۇلارنىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:61 قَالُوا۟ فَأْتُوا۟ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعْيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
21:61 ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:62 قَالُوٓا۟ ءَأَنتَ فَعَلْتَ هَـٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ
21:62 ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى. - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:63 قَالَ بَلْ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمْ هَـٰذَا فَسْـَٔلُوهُمْ إِن كَانُوا۟ يَنطِقُونَ
21:63 (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:64 فَرَجَعُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ فَقَالُوٓا۟ إِنَّكُمْ أَنتُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
21:64 ئۇلار بىر - بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:65 ثُمَّ نُكِسُوا۟ عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَـٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ
21:65 ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:66 قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمْ شَيْـًٔا وَلَا يَضُرُّكُمْ
21:66 ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر اﷲ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:67 أُفٍّ لَّكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
21:67 سىلەرگە ۋە اﷲ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:68 قَالُوا۟ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓا۟ ءَالِهَتَكُمْ إِن كُنتُمْ فَـٰعِلِينَ
21:68 ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:69 قُلْنَا يَـٰنَارُ كُونِى بَرْدًا وَسَلَـٰمًا عَلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ
21:69 بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:70 وَأَرَادُوا۟ بِهِۦ كَيْدًا فَجَعَلْنَـٰهُمُ ٱلْأَخْسَرِينَ
21:70 ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:71 وَنَجَّيْنَـٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا لِلْعَـٰلَمِينَ
21:71 بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك زېمىنغا كۆچۈردۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:72 وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَـٰلِحِينَ
21:72 بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىبراھىمغا) ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇ پەرۋەردىگارىدىن سورىمىسىمۇ) يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى نەۋرە قىلىپ ياكى ئىبراھى ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىدىن زىيادە قىلىپ بەردۇق)، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى ئادەملەر قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:73 وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِمْ فِعْلَ ٱلْخَيْرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِ ۖ وَكَانُوا۟ لَنَا عَـٰبِدِينَ
21:73 ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلىدۇ، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:74 وَلُوطًا ءَاتَيْنَـٰهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَـٰهُ مِنَ ٱلْقَرْيَةِ ٱلَّتِى كَانَت تَّعْمَلُ ٱلْخَبَـٰٓئِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمَ سَوْءٍ فَـٰسِقِينَ
21:74 لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنىڭ (ئائىلىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:75 وَأَدْخَلْنَـٰهُ فِى رَحْمَتِنَآ ۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
21:75 بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:76 وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِن قَبْلُ فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ فَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥ مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ
21:76 نۇھنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:77 وَنَصَرْنَـٰهُ مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَآ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَـٰهُمْ أَجْمَعِينَ
21:77 بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ (بىرنىمۇ قويماي) ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:78 وَدَاوُۥدَ وَسُلَيْمَـٰنَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِى ٱلْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ ٱلْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَـٰهِدِينَ
21:78 داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:79 فَفَهَّمْنَـٰهَا سُلَيْمَـٰنَ ۚ وَكُلًّا ءَاتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَٱلطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَـٰعِلِينَ
21:79 قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، تەسبىھ ئېيتىشقا مۇسەخخەر قىلدۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:80 وَعَلَّمْنَـٰهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَّكُمْ لِتُحْصِنَكُم مِّنۢ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنتُمْ شَـٰكِرُونَ
21:80 جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:81 وَلِسُلَيْمَـٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِى بِأَمْرِهِۦٓ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَىْءٍ عَـٰلِمِينَ
21:81 سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:82 وَمِنَ ٱلشَّيَـٰطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُۥ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَـٰفِظِينَ
21:82 سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە - مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:83 ۞ وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَسَّنِىَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
21:83 (ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:84 فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ فَكَشَفْنَا مَا بِهِۦ مِن ضُرٍّ ۖ وَءَاتَيْنَـٰهُ أَهْلَهُۥ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَـٰبِدِينَ
21:84 ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:85 وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا ٱلْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِّنَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
21:85 ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسىسىنى باياق قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:86 وَأَدْخَلْنَـٰهُمْ فِى رَحْمَتِنَآ ۖ إِنَّهُم مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
21:86 ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:87 وَذَا ٱلنُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَـٰضِبًا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِى ٱلظُّلُمَـٰتِ أَن لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّآ أَنتَ سُبْحَـٰنَكَ إِنِّى كُنتُ مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
21:87 يۇنۇسنىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنى قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:88 فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ وَنَجَّيْنَـٰهُ مِنَ ٱلْغَمِّ ۚ وَكَذَٰلِكَ نُـۨجِى ٱلْمُؤْمِنِينَ
21:88 ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:89 وَزَكَرِيَّآ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥ رَبِّ لَا تَذَرْنِى فَرْدًا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْوَٰرِثِينَ
21:89 زەكەرىيانىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مىنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:90 فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ وَوَهَبْنَا لَهُۥ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُۥ زَوْجَهُۥٓ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا۟ لَنَا خَـٰشِعِينَ
21:90 بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئۆزگەرتىپ بەردۇق (يەنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق). (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:91 وَٱلَّتِىٓ أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلْنَـٰهَا وَٱبْنَهَآ ءَايَةً لِّلْعَـٰلَمِينَ
21:91 نومۇسنى ساقلىغان ئايالنى (يەنى مەريەمنىڭ قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا (يەنى كىيىمنىڭ ئىچىگە) بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:92 إِنَّ هَـٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَأَنَا۠ رَبُّكُمْ فَٱعْبُدُونِ
21:92 (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:93 وَتَقَطَّعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ ۖ كُلٌّ إِلَيْنَا رَٰجِعُونَ
21:93 ئۇلار (دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە - پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:94 فَمَن يَعْمَلْ مِنَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَـٰتِبُونَ
21:94 كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە - ئەمالنى) چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:95 وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَآ أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
21:95 بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:96 حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٍ يَنسِلُونَ
21:96 يەجۇج - مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:97 وَٱقْتَرَبَ ٱلْوَعْدُ ٱلْحَقُّ فَإِذَا هِىَ شَـٰخِصَةٌ أَبْصَـٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِى غَفْلَةٍ مِّنْ هَـٰذَا بَلْ كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
21:97 راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قېلىپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق» (دېيىشىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:98 إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمْ لَهَا وَٰرِدُونَ
21:98 (ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:99 لَوْ كَانَ هَـٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةً مَّا وَرَدُوهَا ۖ وَكُلٌّ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
21:99 ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:100 لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
21:100 ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:101 إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُم مِّنَّا ٱلْحُسْنَىٰٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
21:101 بىز بىر تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت - سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت - ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:102 لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا ۖ وَهُمْ فِى مَا ٱشْتَهَتْ أَنفُسُهُمْ خَـٰلِدُونَ
21:102 ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىڭ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:103 لَا يَحْزُنُهُمُ ٱلْفَزَعُ ٱلْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ هَـٰذَا يَوْمُكُمُ ٱلَّذِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
21:103 چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «اﷲ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ. - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:104 يَوْمَ نَطْوِى ٱلسَّمَآءَ كَطَىِّ ٱلسِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَآ أَوَّلَ خَلْقٍ نُّعِيدُهُۥ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَآ ۚ إِنَّا كُنَّا فَـٰعِلِينَ
21:104 ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز. - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:105 وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِى ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعْدِ ٱلذِّكْرِ أَنَّ ٱلْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِىَ ٱلصَّـٰلِحُونَ
21:105 بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، (داۋۇدقا نازىل قىلىنغان) زەبۇردا زېمىنغا (يەنى جەننەت زېمىنغا) ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:106 إِنَّ فِى هَـٰذَا لَبَلَـٰغًا لِّقَوْمٍ عَـٰبِدِينَ
21:106 بۇ (قۇرئان) دا اﷲ قا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن (خەۋەرلەر، ۋەز - نەسىھەتلەردىن) ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:107 وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَـٰلَمِينَ
21:107 (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:108 قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ أَنَّمَآ إِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
21:108 (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ماڭا ۋەھيى قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:109 فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقُلْ ءَاذَنتُكُمْ عَلَىٰ سَوَآءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِىٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ
21:109 ئەگەر ئۇلار (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:110 إِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلْجَهْرَ مِنَ ٱلْقَوْلِ وَيَعْلَمُ مَا تَكْتُمُونَ
21:110 اﷲ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:111 وَإِنْ أَدْرِى لَعَلَّهُۥ فِتْنَةٌ لَّكُمْ وَمَتَـٰعٌ إِلَىٰ حِينٍ
21:111 بىلەمسەنكى، ئۇ (يەنى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن» - Muhammad Saleh (Uyghur)

21:112 قَـٰلَ رَبِّ ٱحْكُم بِٱلْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحْمَـٰنُ ٱلْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
21:112 (پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك اﷲ دۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى اﷲ تىن ياردەم تىلەيمەن - Muhammad Saleh (Uyghur)