Selected
Original Text
Muhammad Saleh
Abdullah Yusuf Ali
Abdul Majid Daryabadi
Abul Ala Maududi
Ahmed Ali
Ahmed Raza Khan
A. J. Arberry
Ali Quli Qarai
Hasan al-Fatih Qaribullah and Ahmad Darwish
Mohammad Habib Shakir
Mohammed Marmaduke William Pickthall
Muhammad Sarwar
Muhammad Taqi-ud-Din al-Hilali and Muhammad Muhsin Khan
Safi-ur-Rahman al-Mubarakpuri
Saheeh International
Talal Itani
Transliteration
Wahiduddin Khan
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.
14:1
الٓر ۚ كِتَـٰبٌ أَنزَلْنَـٰهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ
14:1
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن اﷲ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:2
ٱللَّهِ ٱلَّذِى لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَوَيْلٌ لِّلْكَـٰفِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
14:2
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي! - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:3
ٱلَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا عَلَى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ضَلَـٰلٍۭ بَعِيدٍ
14:3
ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق. كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، اﷲ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:4
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
14:4
قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق، اﷲ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر). اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:5
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَآ أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَذَكِّرْهُم بِأَيَّىٰمِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
14:5
بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا. (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:6
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنجَىٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
14:6
مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئۆز ۋاقتىدا: «اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. اﷲ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:7
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِى لَشَدِيدٌ
14:7
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر (كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:8
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِن تَكْفُرُوٓا۟ أَنتُمْ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِىٌّ حَمِيدٌ
14:8
مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى اﷲ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:9
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَؤُا۟ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا ٱللَّهُ ۚ جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرَدُّوٓا۟ أَيْدِيَهُمْ فِىٓ أَفْوَٰهِهِمْ وَقَالُوٓا۟ إِنَّا كَفَرْنَا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ وَإِنَّا لَفِى شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَنَآ إِلَيْهِ مُرِيبٍ
14:9
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت اﷲ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلە دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:10
۞ قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِى ٱللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ قَالُوٓا۟ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
14:10
پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى اﷲ نىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ اﷲ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:11
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِن نَّحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ وَمَا كَانَ لَنَآ أَن نَّأْتِيَكُم بِسُلْطَـٰنٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ
14:11
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن اﷲ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر اﷲ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:12
وَمَا لَنَآ أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى ٱللَّهِ وَقَدْ هَدَىٰنَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَآ ءَاذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُتَوَكِّلُونَ
14:12
اﷲ بىزنى (بىزنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا اﷲ قا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت اﷲ قا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:13
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُم مِّنْ أَرْضِنَآ أَوْ لَتَعُودُنَّ فِى مِلَّتِنَا ۖ فَأَوْحَىٰٓ إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ
14:13
كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:14
وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ ٱلْأَرْضَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِى وَخَافَ وَعِيدِ
14:14
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:15
وَٱسْتَفْتَحُوا۟ وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
14:15
پەيغەمبەرلەر اﷲ تىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى اﷲ قا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:16
مِّن وَرَآئِهِۦ جَهَنَّمُ وَيُسْقَىٰ مِن مَّآءٍ صَدِيدٍ
14:16
ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:17
يَتَجَرَّعُهُۥ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُۥ وَيَأْتِيهِ ٱلْمَوْتُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٍ ۖ وَمِن وَرَآئِهِۦ عَذَابٌ غَلِيظٌ
14:17
(ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:18
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ ۖ أَعْمَـٰلُهُمْ كَرَمَادٍ ٱشْتَدَّتْ بِهِ ٱلرِّيحُ فِى يَوْمٍ عَاصِفٍ ۖ لَّا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا۟ عَلَىٰ شَىْءٍ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَـٰلُ ٱلْبَعِيدُ
14:18
پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشىمايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ شاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:19
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
14:19
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى اﷲ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر اﷲ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:20
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٍ
14:20
بۇ اﷲ قا قىيىن ئەمەس - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:21
وَبَرَزُوا۟ لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ ۚ قَالُوا۟ لَوْ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيْنَـٰكُمْ ۖ سَوَآءٌ عَلَيْنَآ أَجَزِعْنَآ أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ
14:21
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، اﷲ قا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان اﷲ نىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «اﷲ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەربىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:22
وَقَالَ ٱلشَّيْطَـٰنُ لَمَّا قُضِىَ ٱلْأَمْرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ ٱلْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِىَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَـٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوْتُكُمْ فَٱسْتَجَبْتُمْ لِى ۖ فَلَا تَلُومُونِى وَلُومُوٓا۟ أَنفُسَكُم ۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصْرِخِكُمْ وَمَآ أَنتُم بِمُصْرِخِىَّ ۖ إِنِّى كَفَرْتُ بِمَآ أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ ۗ إِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
14:22
ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:23
وَأُدْخِلَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ ۖ تَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَـٰمٌ
14:23
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ) سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، دەپ سالام بېرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:24
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِى ٱلسَّمَآءِ
14:24
اﷲ نىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ. كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:25
تُؤْتِىٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍۭ بِإِذْنِ رَبِّهَا ۗ وَيَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
14:25
پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى - ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. اﷲ كىشىلەرگە ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:26
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجْتُثَّتْ مِن فَوْقِ ٱلْأَرْضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٍ
14:26
يامان سۆز (يەنى كۇفرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:27
يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱلْقَوْلِ ٱلثَّابِتِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّـٰلِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ
14:27
اﷲ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. اﷲ زالىملا - نى گۇمراھ قىلىدۇ، اﷲ خالىغىنىنى قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:28
۞ أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ كُفْرًا وَأَحَلُّوا۟ قَوْمَهُمْ دَارَ ٱلْبَوَارِ
14:28
اﷲ نىڭ بەرگەن نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلغان ۋە ئۆز قەۋمىنى (ئازدۇرۇش بىلەن) ھالاكەت مەۋقەسىگە چۈشۈرۈپ قويغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:29
جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا ۖ وَبِئْسَ ٱلْقَرَارُ
14:29
(ھالاكەت مەۋقەسى) جەھەننەمدۇركى، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:30
وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلُّوا۟ عَن سَبِيلِهِۦ ۗ قُلْ تَمَتَّعُوا۟ فَإِنَّ مَصِيرَكُمْ إِلَى ٱلنَّارِ
14:30
ئۇلار (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) ئازدۇرۇش ئۈچۈن، اﷲ قا نۇرغۇن بۇتلارنى شېرىك قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولدۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر» دېگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:31
قُل لِّعِبَادِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَـٰلٌ
14:31
مۆمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى - ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال - مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:32
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزْقًا لَّكُمْ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلْفُلْكَ لِتَجْرِىَ فِى ٱلْبَحْرِ بِأَمْرِهِۦ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلْأَنْهَـٰرَ
14:32
اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، اﷲ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:33
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ دَآئِبَيْنِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ
14:33
سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:34
وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ ۚ وَإِن تَعُدُّوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحْصُوهَآ ۗ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
14:34
اﷲ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك - شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:35
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجْعَلْ هَـٰذَا ٱلْبَلَدَ ءَامِنًا وَٱجْنُبْنِى وَبَنِىَّ أَن نَّعْبُدَ ٱلْأَصْنَامَ
14:35
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! بۇ جاينى (يەنى مەككىنى) تىنچ (جاي) قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:36
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِّنَ ٱلنَّاسِ ۖ فَمَن تَبِعَنِى فَإِنَّهُۥ مِنِّى ۖ وَمَنْ عَصَانِى فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
14:36
پەرۋەردىگارىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە (ئۇنىڭغا) مەغپىرەت قىلىشقا ۋە مەرھەمەت قىلىشقا (قادىرسەن) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:37
رَّبَّنَآ إِنِّىٓ أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِى بِوَادٍ غَيْرِ ذِى زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ ٱلْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجْعَلْ أَفْـِٔدَةً مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهْوِىٓ إِلَيْهِمْ وَٱرْزُقْهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ
14:37
پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:38
رَبَّنَآ إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِى وَمَا نُعْلِنُ ۗ وَمَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِى ٱلسَّمَآءِ
14:38
پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن، ئاسمان - زېمىندىكى ھېچ نەرسە اﷲ قا مەخپىي ئەمەس - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:39
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى وَهَبَ لِى عَلَى ٱلْكِبَرِ إِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ ۚ إِنَّ رَبِّى لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
14:39
جىمى ھەمدۇسانا ياشانغىنىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن اﷲ قا خاستۇر! پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (يەنى دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:40
رَبِّ ٱجْعَلْنِى مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِى ۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَآءِ
14:40
پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:41
رَبَّنَا ٱغْفِرْ لِى وَلِوَٰلِدَىَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ ٱلْحِسَابُ
14:41
پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا - ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن» - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:42
وَلَا تَحْسَبَنَّ ٱللَّهَ غَـٰفِلًا عَمَّا يَعْمَلُ ٱلظَّـٰلِمُونَ ۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمْ لِيَوْمٍ تَشْخَصُ فِيهِ ٱلْأَبْصَـٰرُ
14:42
زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن اﷲ نى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، اﷲ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:43
مُهْطِعِينَ مُقْنِعِى رُءُوسِهِمْ لَا يَرْتَدُّ إِلَيْهِمْ طَرْفُهُمْ ۖ وَأَفْـِٔدَتُهُمْ هَوَآءٌ
14:43
(بۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (تېڭىرقىغانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل - ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:44
وَأَنذِرِ ٱلنَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ ٱلْعَذَابُ فَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ رَبَّنَآ أَخِّرْنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُّجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ ٱلرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوٓا۟ أَقْسَمْتُم مِّن قَبْلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٍ
14:44
(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى (يەنى كۇففارلارنى) ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:45
وَسَكَنتُمْ فِى مَسَـٰكِنِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَتَبَيَّنَ لَكُمْ كَيْفَ فَعَلْنَا بِهِمْ وَضَرَبْنَا لَكُمُ ٱلْأَمْثَالَ
14:45
ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى (ھالاك قىلغىنىمىزدىن كېيىن) سىلەر ئۇلارنىڭ جايلىرىدا تۇردۇڭلار (ئۇلارنىڭ جايلىرىدىن ئىبرەت ئالساڭلارچۇ)، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق مەلۇم بولدى. سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈردۇق (يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدۇق) - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:46
وَقَدْ مَكَرُوا۟ مَكْرَهُمْ وَعِندَ ٱللَّهِ مَكْرُهُمْ وَإِن كَانَ مَكْرُهُمْ لِتَزُولَ مِنْهُ ٱلْجِبَالُ
14:46
ئۇلار ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (چوڭ) بولسىمۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:47
فَلَا تَحْسَبَنَّ ٱللَّهَ مُخْلِفَ وَعْدِهِۦ رُسُلَهُۥٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ ذُو ٱنتِقَامٍ
14:47
اﷲ نى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (دوستلىرى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن) ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:48
يَوْمَ تُبَدَّلُ ٱلْأَرْضُ غَيْرَ ٱلْأَرْضِ وَٱلسَّمَـٰوَٰتُ ۖ وَبَرَزُوا۟ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ
14:48
ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار (يەنى پۈتۈن خالايىق قەبرىلىرىدىن چىقىپ) يېگانە، قۇدرەتلىك اﷲ نىڭ دەرگاھىدا (يەنى مەھشەرگاھدا) ھازىر بولىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:49
وَتَرَى ٱلْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُّقَرَّنِينَ فِى ٱلْأَصْفَادِ
14:49
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ كۈندە گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) نى زەنجىرلەر بىلەن بىر - بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرۈسەن - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:50
سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٍ وَتَغْشَىٰ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ
14:50
ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قارامايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:51
لِيَجْزِىَ ٱللَّهُ كُلَّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
14:51
اﷲ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ شۇنداق جازا بېرىدۇ، اﷲ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر - Muhammad Saleh (Uyghur)
14:52
هَـٰذَا بَلَـٰغٌ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُوا۟ بِهِۦ وَلِيَعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا هُوَ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
14:52
كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى) - Muhammad Saleh (Uyghur)