Selected

Original Text
Muhammad Saleh

Available Translations

7 Al-'A`rāf ٱلْأَعْرَاف

< Previous   206 Āyah   The Heights      Next >  

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
In the name of Allah, Most Gracious, Most Merciful.

7:160 وَقَطَّعْنَـٰهُمُ ٱثْنَتَىْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ إِذِ ٱسْتَسْقَىٰهُ قَوْمُهُۥٓ أَنِ ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْحَجَرَ ۖ فَٱنۢبَجَسَتْ مِنْهُ ٱثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَّشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلْغَمَـٰمَ وَأَنزَلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
7:160 ئۇلار (يەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى اﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىشلىرى بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى - Muhammad Saleh (Uyghur)